باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئېچىۋېتىش تىپىدىكى دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ

2016.09.18 16:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىدا ئېچىۋېتىش تىپىدىكى دۇنيا ئىقتىسادىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان يەر شارى سودىسى ۋە مەبلەغ سېلىش ھەققىدە بىر قاتار مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

  رەئىس شى جىنپىڭ نۆۋەتتىكى قورۇقچىلىق باش كۆتۈرۈش، خەلقئارا سودا ۋە مەبلەغ سېلىش تۆۋەنلەش ۋەزىيىتىگە قارىتا، 20 دۆلەت گۇرۇھى سودا سانائەت باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئېچىۋېتىش دۇنيا ئىقتىسادىدا ئىنتايىن مۇھىم دەپ ئېنىق كۆرسەتتى.

  لوندون پۇل مۇئامىلە شەھەرچىسى سىياسەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى باۋموكەي مۇنداق دېدى: بۇ تەشەببۇس ئىنتايىن مۇھىم، بولۇپمۇ ھازىر سودا قورۇقچىلىقى قايتا باش كۆتۈردى. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى سودىنى قايتا ئېچىۋېتىشنىڭ بارلىق كىشىلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان پايدىسىنى قايتا تەكىتلىشى كېرەك.

  بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇمات دۇنيانىڭ ھوشيارلىقىنى قوزغىدى: 2008-يىلىدىن بۇيان، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئەزالىرى 1583 تۈرلۈك سودىنى چەكلەش تەدبىرىنى قوللاندى، ھازىرغىچە 387ى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى؛ يەر شارىدىكى 1-چوڭ ئىقتىسادى گەۋدە بولغان ئامېرىكا 2008-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە 600دىن ئارتۇق سودىنى قوغداش تەدبىرىنى قوللاندى، 2015-يىلىلا 90 تۈرنى قوللاندى، بۇ 4 كۈنگە بىردىن توغرا كېلىدۇ.

  مۇئاۋىن سودا مىنىستىرى ۋاڭ شوۋۋېن مۇنداق دېدى: بىز كۆپچىلىككە مۇنداق بىر ۋەدە بېرىمىزكى بىز يېڭى سودا قورۇقچىلىق تەدبىرى قوللانمايمىز. بۇنى ئېغىزدىلا دەپ قويۇش كۇپايە قىلمايدۇ، بىز يەنە بۇنى نازارەت قىلىمىز، كۆپچىلىكنىڭ ئۆز-ئارا نازارەت قىلىشى ئارقىلىق، سودا قورۇقچىلىقىنى ئازايتىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر