باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بېيجىڭ شەھەرلىك 66-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى شۆ شيەنجۈننىڭ تۆت قېتىملىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سەپىرى

2016.09.18 16:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پايتەخت بېيجىڭدىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىگە تۆت مىڭ كىلومېتىر كېلىدۇ، بېيجىڭدىكى بىر ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى تۆت قېتىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلىپ، خوتەندىكى بالىلارغا بىلىم بەردى، شۇ جاينىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنىمۇ ئۆستۈردى، مېھىر-شەپقىتىنى خوتەنگە يەتكۈزدى. ئۇ بېيجىڭ شەھەرلىك 66-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى شۆ شيەنجۈن. شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بۇرۇن شۆ شيەنجۈننىڭ بىر ئارزۇسى ئىدى. 2008-يىلى، 6-تۈركۈمنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلىققا تاللانغان شۆ شيەنجۈن خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپكە بۆلۈندى. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مۇتلەق كۆپ قىسىمنى ئىگىلەيدىغان بۇ مەكتەپتە، ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلمەيدىغان شۆ شيەنجۈن ئىنگلىز تىلى ئۆتۈشكە باشلىدى. شۆ شيەنجۈن دەرس تەييارلاش، دەرس سۆزلەش، ئائىلە زىيارىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىلغار ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇ جايدىكى ئىنگلىز تىلى ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەر بىلەن پەرقلىنىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. بىر يىل ۋاقىت ناھايىتى تېز ئۆتۈپ كەتتى، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە شۆ شيەنجۈننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت مۇددىتى توشۇپ قالدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ شۆ شيەنجۈندىن ئايرىلغۇسى كەلمىدى. شۆ شيەنجۈن بېيجىڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بالىلارنىڭ بىلىمگە تەشنا كۆزلىرى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن كەتمىدى. ئۇ ئىچىدە جەزمەن يەنە خوتەنگە بارىمەن، دەپ ئىرادە قىلدى. كىشىلەر «سىز نېمىشقا ئۇ چەت، يىراق جايغا نەچچە قېتىم بارىسىز؟» دەپ سورىدى. شۆ شيەنجۈننىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىگە مۇنداق يېزىلغان ئىدى: «بېلىق سۇدىن ئايرىلالمايدۇ، مەن بىر بېلىق، سۇدىن ئايرىلالمايمەن، مەن بۇ يەردىكى بالىلارغا ئامراق». شۆ شيەنجۈن 2013-، 2014-، 2015-يىللىرى يەنە ئۈچ قېتىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلىپ، خوتەن شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۈچ يىل ئىشلىدى. خوتەن شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇيغۇر خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار ئارىلاش مەكتەپ بولۇپ، ئۈچتىن بىر قىسىم ئوقۇغۇچى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئىنگلىز تىلى ئۆگەنمىگەن، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىنگلىز تىلى سەۋىيەسىمۇ تەكشى ئەمەس ئىدى. شۆ شيەنجۈن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش ئاكتىپلىقىنى ئىمكانقەدەر تېزدىن ئۆستۈرۈش، ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن كۆپ مېدىيالىق ئۈلگىلىك دەرسنى يولغا قويدى؛ تولۇقسىز بىرىنچى يىللىقىنىڭ توققۇز ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسىنى تەشكىللەپ، «تولۇقسىز بىرىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش سۇبيېكتلىق رولىنى قانداق جارى قىلدۇرۇش كېرەك» دېگەن تېمىنى تەتقىق قىلدى. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، «تولۇقسىز ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزچە سۆزلۈكلەرنى ئەستە ساقلاشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى» دېگەن يەرلىك دەرسلىكنى تۈزدى. يېڭىچە مائارىپ ئىدىيەسى، پۇختا ئوقۇتۇش-تەتقىقات نەتىجىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنگلىز تىلى نەتىجىسىنى تېزدىن ئۆزگەرتتى، مەكتەپنىڭ ئىنگلىز تىلى ئوقۇتۇش سەۋىيەسىمۇ زور دەرىجىدە ئۆستى. بۇ يىل 7-ئايدا، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مۇددىتى توشاي دەپ قالغان شۆ شيەنجۈن بالىلارنىڭ سوۋغىسى، يەنى بىر داپ بىلەن كۆڭۈل سۆزلىرى يېزىلغان بىر خاتىرىنى تاپشۇرۇۋالدى، ئۇنىڭ ئىچىگە «ئانا» ۋە «مېھىر-مۇھەببەت» دېگەن سۆز ئەڭ كۆپ يېزىلغان ئىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر