باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خىزمەتچىلەر يىللىق ئارامنى ئالمىسا ئۈچ ھەسسە مائاش تۆلىمىگە ئېرىشىدۇ

بېيجىڭ شەھىرى 2015- يىللىق ئەمگەك ماجراسى بويىچە 10 چوڭ تىپىك دېلونى ئېلان قىلدى

مائاشلىق دەم ئېلىشنى يىل ئاتلاپ ئېلىشقا بولىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى

2016.09.18 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالدىنقى كۈنى، بېيجىڭ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىدارە بۇ يىللىق تاۋۇز چاغىنى ھارپىسىدا 2015- يىللىق ئەمگەك ماجراسى بويىچە 10 چوڭ تىپىك دېلونى جەمئىيەتكە ئاشكارىلىغان بولۇپ، بۇلار ئەمگەك ھەققى ۋە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىش ۋە توختىتىش، دەم ئېلىشتىكى مائاش ۋە داۋالىنىش مەزگىلى قاتارلىق كۆپ ئۇچرايدىغان ئەمگەك ماجرالىرىغا چېتىلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، بېيجىڭدىكى بىر خىزمەتچى مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىشنى ئالمىغان، ئەمگەك كېسىمى ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىككى ھەسسە مائاشنى تولۇقلاپ تۆلەشكە كېسىم چىقىرىلغان.

  شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ماسلاشتۇرۇش-كېسىم باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چەي لىپىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەت ئەھۋالىغا ئاساسەن، خىزمەت ئالدىراش ۋاقىتتا خادىملارنىڭ يىللىق ئارام ئېلىشىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ، بىراق بۇ خىزمەتچىلەرنىڭ ئارام ئېلىشنى ئېيتمىسىلا يىللىق ئارام ئېلىشتىن ۋاز كەچكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. خادىملار يىللىق ئارامدىن ۋاز كەچمەكچى بولسا چوقۇم يازما ئىلتىماس تاپشۇرۇشى ھەمدە چوقۇم ئۆزىنىڭ سەۋەبىدىن بولۇشى، خىزمەت سەۋەبىدىن بولماسلىقى لازىم. ئۇنداق بولمىسا خىزمەتچىلەرگە ئۈچ ھەسسە مائاش تۆلەم بېرىلىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، «مائاشلىق دەم ئېلىشنى پەقەت شۇ يىلنىڭ ئىچىدىلا ئېلىشقا بولىدۇ» دېيىشكە قارىتا، شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى بۇنىڭ خاتا چۈشەنچە ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلدۈردى. شەھەرلىك ئەمگەك ماجراسى كېسىم كومىتېتىنىڭ كېسىم ئەزاسى دەي ئەيمىن تونۇشتۇرۇپ، قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، مائاشلىق دەم ئېلىشنى بىر يىل ئاتلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدۇ، يەنى «بۇ يىل دەم ئالماي، كېلەر يىلى دەم ئېلىشقا بولىدۇ»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر