باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىنتېرنېت تورى بازىرىغا ئايلانغانلىقى كۆرسىتىلدى

2016.09.18 15:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت نىڭ كەڭ بەلباغ-رەقەملىك تەرەققىيات كومىتېتى 15- سېنتەبىر «2016- يىللىق كەڭ بەلباغ ئەھۋالى»دېگەن تېمىدا ئەڭ يېڭى دوكلات ئېلان قىلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو 721 مىليون تور ئەھلى سانى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىنتېرنېت تورى بازىرىغا ئايلانغان، ھىندىستان بولسا 333 مىليون تور ئەھلى سانى بىلەن دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ ئالاقە تور بازىرىغا ئايلانغان.

  خەلقئارا تېلېگراف ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2016- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، 3 مىليارد 500 مىليون ئادەم ئالاقە تور ئىشلىتەلەيدىغان بولغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكى 3 مىليارد 200 مىليون ئادەمدىن ئېشىپ، يەر شارى نوپۇسىنىڭ %47تى بىلەن باراۋەر بولغان.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بېكىتكەن ئەڭ تەرەققىي قىلمىغان 48 دۆلەتتە كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ئىلگىرىلەش بولغان، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئەڭ تەرەققىي قىلمىغان 15% دۆلەت نوپۇسى ئىچىدە تور ئالاقىسى ئورنىتىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئۈمىد بار ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر