خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 13-سېنتەبىر خەلق سارىيىدا پېرۇ زۇڭتۇڭى كۇچىينىسكى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكى ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدا تۇرۇپ، جۇڭگو-پېرۇ مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى ماقۇللىدى.
شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ كۇچىينىسكىنىڭ جۇڭگوغا تۇنجى قېتىم زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى ۋە مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن پېرۇ قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەر، ئۆز ئارا ئىشىنىدىغان ياخشى دوست، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى ھەمراھ. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 45 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ باشتىن-ئاخىر سەمىمىي دوستانە، باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئىزچىل چوڭقۇر تەرەققىي قىلىپ، ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، مۇھىم خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە زىچ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي نەپ يەتكۈزۈپلا قالماستىن، يەنە دۇنيانىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.
(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى