باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: ياپونىيەنىڭ ھەربىي قۇرال-ياراغ سېتىش مەقسىتى «كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ»، دېدى

2016.09.14 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياپونىيەنىڭ قورال- ياراغلارنى ئەرزان باھادا سېتىش ئارقىلىق ھىندىستاننى نەنخەي مەسىلىسىدە بىر نەرسە دېيىشكە قۇترىتىشى ھەققىدىكى خەۋەرگە قارىتا، دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 13-سېنتەبىر: بۇ خىل باشقىچە غەرەزدىكى قۇرال-ياراغ سېتىش ھەمكارلىقىنىڭ مەقسىدى كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ، دېدى.

  «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ھىندىستانغا قىممىتى 1 مىليارد 600 مىليون دوللارلىق قورال- ياراغ سېتىشقا تىرىشىۋاتقان بولۇپ، ياپونىيە تەرەپ ئىمكانقەدەر باھانى چۈشۈرۈش ئارقىلىق، ئىككى دۆلەتنىڭ قوغدىنىش بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىكەن ھەمدە ھىندىستاننىڭ جۇڭگو نەنخەي مەسىلىسىدە ئاكتىپ بىر نەرسە دېيىشكە ئىلھاملاندۇرىدىكەن.

  خۇا چۈنيىڭ ئادەتتىكى مۇخبىرلار يىغىنىدا: «<ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى>نىڭ خەۋىرىگە دىققەت قىلدۇق. بىزنىڭ قوغدىنىش ھەمكارلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نورمال ھەمكارلىققا باشقا پىكىرىمىز يوق، بىراق بەزىلەرنىڭ ھەمكارلىق مەقسىتى باشقىچە نىيەتتە بولسا، بۇ كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر