باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭلار ۋىيېتنامنىڭ زۇڭلىسى رۈەن چۈنفۇ بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى

2016.09.14 13:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا ۋىيېتنامنىڭ زۇڭلىسى رۈەن چۈنفۇ بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى.

  جاڭ دېجياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام دوست قوشنىلار، بىز ۋىيېتنام بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ساغلام مۇقىم راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايمىز. جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى ئىزچىل تۈردە ياخشى ھەمكارلىق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلمەكتە. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋىيېتنام بىلەن بىرگە، ھەرقايسى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىنىڭ ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام مۇقىم راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ۋىيېتنام بىلەن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يولنى بويلاپ ئالغا راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ،ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپ يەتكۈزۈشنى خالايدۇ. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ۋىيېتنام ۋەتەن فرونتى بىلەن بولغان دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ۋىيېتنام بىلەن يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىسىنى داۋاملىق ساقلاپ، ھەرقايسى دەرىجىلىكلەرنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر