باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئىسلام دۆلىتى باياناتچىسىنىڭ پارتلىتىشتا ئۆلگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى

2016.09.14 14:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 12- سېنتەبىر، ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىسلام دۆلىتىنىڭ باياناتچىسى ئەبۇ مۇھەممەت ئادىنانىنىڭ ئۆتكەن ئايدا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بىر قېتىملىق نۇقتىلىق ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

  بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ باياناتچىسى باياناتىدا مۇنداق دېدى: ئادىنانى ئامېرىكا ئارمىيەسى 8- ئاينىڭ 30- كۈنى سۇرىيەدە يولغا قويغان بىر قېتىملىق ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلدى، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىسلام دۆلىتىنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكى كاتتىباشلىرىنى نۇقتىلىق تازىلاش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

  ئەبۇ مۇھەممەت ئادىنانى ئىسلام دۆلىتىنىڭ تاشقى تەشۋىقاتىغا، يېڭى خادىملارنى قوبۇل قىلىش ۋە چەتئەللەردە تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىدى، بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا، ئۇ توردا ئۇلغا ئالغان لېنتىسىنى تارقىتىپ، ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى غەرب ئەللىرىگە شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىشقا چاقىرغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر