باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت تىل-يېزىق كومىتېتى يىرىك پىلان ئېلان قىلدى

دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى بەش يىلنىڭ ئىچىدە مەملىكەت ئىچىدە ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ

2016.09.14 15:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:بۇ يىل گوۋۇيۈەننىڭ «پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يوليورۇقى»نى ئېلان قىلغانلىقىنىڭ 60-يىلى، شۇنداقلا «دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى قانۇنى» يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 15-يىلى. مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت تىل-يېزىق كومىتېتى يېقىندا «دۆلەت تىل-يېزىق ئىشلىرىنىڭ <13-بەش يىللىق> تەرەققىيات يىرىك پىلانى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يىرىك پىلان» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى. «يىرىك پىلان»دا «يېڭىلىق يارىتىش، ماس بولۇش، يېشىل بولۇش، ئېچىۋېتىش، ئورتاق بەھرىلىنىش»تىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، «13بەش يىل» مەزگىلىدىكى يېتەكچى ئىدىيە، تەرەققىيات نىشانى ۋە ئاساسلىق ۋەزىپىلەر بېكىتىلدى.

  «يىرىك پىلان»دا كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىيات نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، يەنى 2020-يىلىغا بارغاندا، پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسى ئىچىدە دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇپ، تىل-يېزىقنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، تىل-يېزىق ئىشلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ ئېھتىياجىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت.

  «يىرىك پىلان»دا بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق بەش چوڭ خىزمەت ۋەزىپىسى ۋە 18 تۈرلۈك كونكرېت تەدبىر بېكىتىلدى: بىرىنچى، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش،بۇ يېزىلارنىڭ پۇتۇڭخۇا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدا دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى تىزلىتىش، مەكتەپلەرنىڭ تىل-يېزىق مائارىپىنى كۈچەيتىش، تىل-يېزىقنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئىككىنچى، تىل-يېزىقنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىل-يېزىقنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش، تىل بايلىقى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، تىل-يېزىقنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش سۇپىسى قۇرۇش كېرەك؛ ئۈچىنچى، دۆلەت تىل-يېزىق مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ۋە خەۋپسىزلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان يىل-يېزىق مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى نۇقتىلىق ئۆستۈرۈش، تىل-يېزىقنىڭ مۇلازىمەت قىلىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئالاھىدە كىشىلەرنىڭ تىل-يېزىق ئېھتىياجىغا مۇلازىمەت قىلىش كېرەك؛ تۆتىنچى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىلغار تىل مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، بۇ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىلغار تىل مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقىنى ئىلمىي قوغداش، ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن شياڭگاڭ، ئاۋمېن، چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن تەيۋەننىڭ تىل مەدەنىيىتىنى ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تىل مەدەنىيىتىنى خەلقئارادا ئالماشتۇرۇش ۋە تارقىتىشنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ بەشىنچى، تىل-يېزىق خىزمىتىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىل-يېزىقنى قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، تىل-يېزىقنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تىل-يېزىقنى تەكشۈرۈش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ تىل-يېزىقىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشنى مەۋقە قىلىش كېرەك.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر