باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى لىياۋنىڭ ئۆلكىسىدىكى 45 نەپەر مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنىڭ پارا بېرىپ سايلىغۇچىلارنى يېنىغا تارتىپ سايلانغانلىقى ئۈچۈن سايلىنىشىنىڭ ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكىنى بېكىتتى

2016.09.14 15:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 23-قېتىملىق يىغىنى 13-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن يېپىلدى. يىغىندا، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى سايلىمىدا كۆرۈلگەن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەت خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرىنىڭ سايلىنىشىنىڭ ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى دوكلات ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىنىپ، 45 نەپەر مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنىڭ پارا بېرىپ سايلىغۇچىلارنى يېنىغا تارتىپ سايلانغانلىقى ئۈچۈن سايلىنىشىنىڭ ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكى بېكىتىلدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن، تۆۋەندىكى 45 نەپەر مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنىڭ سايلىنىشى ئىناۋەتسىز بولدى: يۈ خۇڭ، ۋاڭ ۋېنلياڭ، ۋاڭ جەنجۇ، ۋاڭ شۇبىن، ۋاڭ باۋجۈن، ۋاڭ چۈنچېڭ، فاڭ ۋېي، باۋ زىچېن، چۈ باۋشۆ، جۇ جىڭلى، ليۇ يۈنۋېن، ليۇ جىشۈن، ليۇ چىڭليەن(ئايال)، ليۇ فۇشياڭ، چى مۇ، سۈن شۇۋكۈەن، لى يۈخۇەن(ئايال)، لى دۇڭچى، لى خەيياڭ، ياڭ مىن(ئايال)، خې جۇشېڭ، لېڭ شېڭجۈن، سۇڭ شۇشىن، جاڭ ۋېنچېڭ، جاڭ يۈكۈن(ئايال)، جاڭ جەنيۈ، جاڭ گوجۈن، جاڭ سۇرۇڭ(ئايال)، جاڭ جېنيۇڭ، جاڭ شياۋفاڭ(ئايال)، جاڭ تيېخەن، جىن جەنجۇڭ، ليۇ چاڭچىڭ، جياڭ شيۇيۈن(ئايال)، ياۋ تىڭسەي، گېڭ خۇڭچېن، گاۋ باۋيۈ، گو گۇاڭخۇا، چاڭ ۋېي(ئايال)، خەن يۇبو، خۇي كەي، شې ۋېنيەن، تەن ۋېنخۇا، يەن فۇلۇڭ، ۋېي لىدۇڭ.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى سايلام قانۇنىنىڭ 57-ماددىسىدا، پۇل ياكى باشقا مال-مۈلۈك بىلەن ۋەكىللەرگە پارا بەرگەنلەرنىڭ سايلىنىشى ئىناۋەتسىز دەپ بەلگىلەنگەن. مەملىكەت خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى تەكشۈرۈش ئارقىلىق مۇنداق قارىدى: بۇ 45 نەپەر مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى سايلام قانۇنىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغان، قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ئارقىلىق سايلانغان، مەملىكەت خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكىنى بېكىتىشى كېرەك.ھازىرغىچە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا 2894 كىشى بار.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر