- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى يېقىنقى مەزگىلدىكى ئۆي مۈلۈك بازىرىنىڭ يۈزلىنىشىنى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى چۈشتى
2016.09.14 15:16 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى، خەلق ئىگىلىكى ئۇنىۋېرسال ئىستاتىستىكا مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى شېڭ لەييۈن 13-سېنتەبىر گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، 2016-يىلى 8-ئايلىق خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. شېڭ لەييۈن مۇنداق دېدى: 8-ئايدا، ئېلىمىز خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئاساسلىق كۆرسەتكۈچىدە ياخشىلىنىش بولدى، قۇرۇلمىنى تەڭشەش چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلەر تېز ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا پائال ئۆزگىرىش بولدى.
بۇ يىلدىن بۇيانقى ئۆي-مۈلۈك بازىرى، بولۇپمۇ يېقىنقى ئىككى ئايلىق ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق، ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى يەنىلا بىر قەدەر كۆرۈنەرلىك بولدى. ئۆي باھاسى ھەقىقەتەن يەنىلا ئۆسۈۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن يېقىنقى ئىككى ئايدا ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى تۆۋەنلىدى.
(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر