باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى تاۋۇز چاغىنىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە ھەق ئېلىنىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنىڭ ھەقسىز قىلىنمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى

2016.09.14 15:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، بۇ يىللىق تاۋۇز چاغىنى بايرىمىلىق (9- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن 17- كۈنىگىچە) دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە ھەق ئېلىنىدىغان يەتتە كىشىلىكتىن تۆۋەن كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللاردىن يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ھەققى ھەقسىز قىلىنمايدۇ.

  بەلگىلىمىگە ئاساسەن، مەملىكەت بويىچە ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا ھەقسىز يۈرۈش ۋاقتى بولسا دۆلەت قانۇنىدا بەلگىلەنگەن دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن باھار بايرىمى، چوكانتال بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، دۆلەت بايرىمى قاتارلىق تۆت بايرامدا ھەقسىز بولىدۇ، تاۋۇز چاغىنى بەلگىلەنگەن دائىرە ئىچىدە بولمىغاچقا، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلەر يەنىلا نورمال ھەق تاپشۇرۇشى لازىم. نۇرغۇن كىشىلەر دەم ئېلىش ۋاقتى ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ھەقسىز بولماسلىق سىياسىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ، ئۆلكە ئىچىدىكى قىسقا مۇساپىلىك ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ سەپەرگە چىقىشنى، يۇرتىغا قايتىپ تۇغقان يوقلاشنى ياكى ئاپتوموبىل ھۆددە ئېلىپ ساياھەت قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تاللىشى، بۇنىڭ بىلەن غول لىنىيە، نۇقتىلىق ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى ۋە شەھەر ئەتراپىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا قاتناش ئېقىم مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئېشىشى مۇمكىن.

  قاتناش تارماقلىرى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: ئاپتوموبىللارنىڭ يولغا چىقىش ۋاقتى قىسمەن مۇقىم بولۇپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئېقىم مىقدارى يۇقىرى دولقۇنى ھەر كۈنى سائەت سەككىزدىن سائەت 11 گىچە، سائەت 16دىن 18گىچە ئىككى ۋاقىت بۆلىكىگە مەركەزلىشىدۇ، بولۇپمۇ دەم ئېلىشنىڭ ئاخىرقى كۈنى، يەنى 17- سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن قايتىش يۇقىرى پەللىسى كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاۋۇز چاغىنى دەم ئېلىشىدا يول يۈرۈش ھەقسىز قىلىنمىغانلىق سەۋەبىدىن، ھەر بىر ئاپتوموبىلنىڭ توختاپ ھەق تاپشۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ، ئاساسلىقى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ ئاستى-ئۈستى ئېغىزىدا ئۆچرەت قىستاڭچىلىقى ئىنتايىن ئاسان يۈز بېرىدۇ. شۇڭا ئامال بار بالدۇر، يۇقىرى پەللىدىن باشقا ۋاقىتتا قايتىشنى تەكلىپ قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر