باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن تۇنجى قېتىم ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

زۇڭلى لى كېچياڭ نازارەت قىلدى

2016.09.19 16:02   مەنبە: خەلق تورى

گوۋۇيۈەن تۇنجى قېتىم ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن 18-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن جۇڭنەنخەيدە تۇنجى قېتىم ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ نازارەت قىلدى.

  «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بېرىش تۈزۈمنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى قارارى» ۋە «گوۋۇيۈەن ۋە ئۇنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بېرىش تەشكىلىي چارىسى»غا ئاساسەن، بۇ يىلدىن بۇيان گوۋۇيۈەن ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن 38 تەشكىلىي تارماق، بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاھىدە تەسىس قىلىنغان ئاپپارات، بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپارات، ئىش بېجىرىش ئاپپاراتى، بىۋاسىتە قاراشلىق كەسپىي ئورۇندىكى 55 مەسئۇل كىشى قانۇن بويىچە ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بەردى.

  گوۋۇيۈەن كىچىك يىغىن زالىغا ھەيۋەتلىك دۆلەت گېربى ئېسىلىپ، كەيپىيات داغدۇغىلىق بولدى. قەسەم بېرىش سەھنىسىگە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» قويۇلدى.

  دۆلەت كومىسسارى قوشۇمچە گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى ياڭ جىڭ ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بېرىش مۇراسىمىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت بايرىقىغا قاراپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى. قەسەمنى باشلىغۇچى سول قولىنى ئاساسىي قانۇنغا قويۇپ، ئوڭ مۇشتۇمىنى تۈگۈپ، قەسەم سۆزىنى ئوقۇدى. باشقا قەسەم بەرگۈچىلەر تىزىلىپ ئۆرە تۇرۇپ، ئوڭ مۇشتۇمىنى تۈگۈپ، ئەگىشىپ ئوقۇدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·قايسى خىل ئاساسىي مائارىپ كەلگۈسىگە ماسلىشالايدۇ؟
    ·پۈتۈن كۈنلۈك ۋە پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان تۈزۈمدىكى ئاسپىرانتلار بىر تۇتاش باشقۇرۇلىدۇ 
    ·كېلەر يىلى ئالىي مەكتەپلەردا «ئويۇن ئويناش» كەسپى ئېچىلىدۇ
    ·شىزاڭ 16 مىڭ يېزا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈردى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: مائارىپقا پايدىلىق ئوقۇتقۇچىلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان سىياسەتنى يەنىمۇ مۇكەممەلل…
    ·ئۆزبىكىستان پارلامېنت بىرلەشمە يىغىنىدا زوڭلى مىرزىيوفنىڭ زوڭتوڭلۇق ۋەزىپىسىنى ۋاكالىتەن ئۆتىشى قار…
    ·ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئاياغلاشتى
    ·مائارىپ ئادىللىقى ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى ئاتا قىلدى
    ·كېلەر يىللىق ئاسپرانتلىق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش 24- سېنتەبىر باشلىنىدۇ
    ·2016-يىللىق مەملىكەتلىك چوڭلار ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىش بىر تۇتاش ئىمتىھانى 29-،30-ئۆكتەبىر ئې…