باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

26 ئۆلكە، شەھەرنىڭ ئاھالىلىرى كىملىكىنى بېيجىڭدا ئالماشتۇرۇپ تولۇقلىسا بولىدۇ

2016.09.19 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تۈنۈگۈن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، بۈگۈندىن باشلاپ، بېيجىڭ شەھىرى ھەر قايسى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ئاھالىلەر كىملىكىنى باشقا جايدا بېجىرىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىدۇ، بۇنىڭدىن بۇرۇن يولغا قويغان تيەنجىن، خېبېي قاتارلىق 10 ئۆلكە، شەھەردىن باشقا، بۇ قېتىم يەنە خېنەن، شەندۇڭ، خېيلۇڭجياڭ قاتارلىق 16 ئۆلكە، شەھەر، رايون نوپۇس ئاممىسىنىڭ بېيجىڭدا ئاھالىلەر كىملىكى بېجىرىشىنى يولغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن كىملىكىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يېزىقى بېسىلغان ئاپتونوم ئوبلاست(ناھىيە)دىن باشقا، جايلاردىكى شەھەر ئاھالىلىرى بېيجىڭدا ۋە بېيجىڭ ئاھالىلىرى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كىملىكىنى تولۇقلاش، ئالماشتۇرۇش كەسپىنى بېجىرەلەيدىغان بولدى.

  ئۇنىڭدىن باشقا، كىملىكنى باشقا جايدا بېجىرىشنى ۋاقتىنچە يولغا قويالمايدىغان جايلار ئىچكى موڭغۇل، گۇاڭشى، شىنجاڭ، شىزاڭ قاتارلىق تۆت ئاپتونوم رايون ۋە جىلىن، سىچۈەن، خېيلۇڭجياڭ، لىياۋنىڭ، چىڭخەي قاتارلىق قىسمەن ئاز سانلىق مىللەت ئاپتونوم ئوبلاست(ناھىيە)لىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ج خ مىنىستىرلىقى ئالاقىدار ئۇچۇر سىستېمىسىنى ئۆزگەرتىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ئالاقىدار كەسىپلەر ۋاقىتىنچە كېچىكتۈرۈلدى. بۇ جايلاردىكى بېيجىڭ ئاھالىلىرىمۇ كىملىكىنى باشقا جايدا بېجىرەلمەيدۇ. ساقچى تەرەپ مۇنداق تونۇشتۇردى: كېلەر يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تورلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يېزىقىنى بېسىش مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ.

  ج خ ئورگانلىرى كىملىكىنى باشقا جايدا ئالماشتۇرۇش، تولۇقلاپ ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغانلارغا، ئاھالىلەر «ئاھالىلەر كىملىكىنى باشقا جايدا بېجىرىشنى تىزىملاش جەدۋىلى»نى تاپشۇرغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە ئاھالىلەر كىملىكىنى تارقىتىپ بېرىدۇ. ئاھالىلەر كىملىكىنى ئالماشتۇرۇشقا ھەر بىرىگە 20 يۈەن ئېلىنىدۇ؛ يىتۈپ كەتكەننى تولۇقلاپ ئېلىشقا، بۇزۇلغاننى ئالماشتۇرۇشقا ھەر بىرىگە 40 يۈەن ئېلىنىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر