باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

نىلقىدىكى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشتا ئەڭ بۇرۇنقى تۆمۈر تاۋلاش خارابىسى تېپىلىپ، شىنجاڭدىكىلەرنىڭ 3000 يىل بۇرۇنلا تۆمۈر ئىشلىتىشنى باشلىغانلىقى بايقالدى

2016.09.19 15:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى كۈنلەردە، ئارخېئولوگىيە خادىملىرى شىنجاڭنىڭ نىلقا ناھىيەسى جىرىنتاي «مەھەللە خارابىسى»نى قازغاندا، تۆمۈر پارچىسىنى بايقىدى، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ تۆمۈر ئىشلىتىش تارىخى 3000 نەچچە يىل ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  17- سېنتەبىر، مۇخبىر تېلېفون ئارقىلىق شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى قەدىمكى تارىخ تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رۇەن چيۇرۇڭ بىلەن ئالاقىلەشتى ۋە ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىمقى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1000 يىللاردىن بۇرۇنقى بىرونزا دەۋرىدىكى «مەھەللە خارابىسى»دە، كۆمۈر بايقىلىپلا قالماي، يەنە تۆمۈر پارچىسى بايقالغان. رۇەن چيۇرۇڭنىڭ دېيىشىچە، بۇ، شىنجاڭدا تۆمۈر تاۋلاشنىڭ ئەڭ بۇرۇن بولغانلىقىنىڭ بايقىلىشى بولۇپ، شىنجاڭدا تۆمۈر ئىشلىتىش تارىخى 3000 نەچچە يىل ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

  ئىگىلىنىشىچە، نىلقا ناھىيەسى جىرىنتاي «مەھەللە خارابىسى» دۆڭلىككە جايلاشقان بولۇپ، خارابە ئاستى ئىلى دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنى ئىكەن، ئۇ يەرگە بىر كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا مۇنبەت يەر بار ئىكەن، بۇمۇ بىرونزا دەۋرىدىكى ئىنسانلارنىڭ بۇ جاينى ياشاشقا باب كېلىدىغان جاي قىلىپ تاللىشىنىڭ سەۋەبى ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر