باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ سابىق ئەزاسى، ئالتاي شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى ۋاڭ شىبىن ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن پارتىيەدىن قوغلاندى ۋە خىزمەتتىن ھەيدەلدى

2016.09.19 14:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ سابىق ئەزاسى، ئالتاي شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى ۋاڭ شىبىننىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

  تەكشۈرۈشتە بايقىلىشىچە، ۋاڭ شىبىن سىياسىي ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشىلىق قىلغان؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشىغا يول قويغان ھەم ئۇزاق مۇددەت ئىگىلىۋالغان؛ تەشكىلىي ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، بەلگىلىمە بويىچە ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ئەينەن مەلۇم قىلمىغان ھەم تەشكىل سۈرۈشتۈرگەندە مەسىلىنى ئەينەن چۈشەندۈرمىگەن؛ يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇھىم قارارىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ كادىرلارنى ۋەزىپىگە قويۇش ۋە ۋەزىپىسىنى تەڭشەش جەھەتتە باشقىلارغا نەپ يەتكۈزۈپ، مال-مۈلۈك قوبۇل قىلغان؛ پاك ـ دىيانەتلىك بولۇش ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا كارخانىنىڭ بازارغا سېلىنمايدىغان پاي چېكىنى كونترول قىلىۋالغان؛ ئاممىۋى ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەتنىڭ چېقىش- كۆچۈرۈش مەبلىغى بىلەن تاۋار ئۆي سېتىۋېلىپ، ئۇنى كۆچمەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆيى قىلىپ، دۆلەت ۋە ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغان؛ خىزمەت ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ھۆددىگە بېرىش ۋە ھۆددىگە ئېلىش، ئۆي-زېمىن تەرەققىياتى ۋە تىجارىتىگە ئارىلىشىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش پائالىيىتىگە ئارىلاشقان ۋە قول تىققان؛ تۇرمۇش ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلار بىلەن ناتوغرا جىنسىي مۇناسىۋەتنى ئۇزاققىچە ساقلىغان؛ دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، كارخانا تىجارىتى قاتارلىق جەھەتلەردە باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، زور مال-مۈلۈكنى سوراپ ئېلىپ ۋە قوبۇل قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىكى ئېنىقلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر