- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئىككى تارماق ئۇقتۇرۇش تارقاتتى
شەھەر ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنى پىلانلاش قۇرۇلۇشى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ
2016.09.19 16:25 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ يېقىندا «شەھەر ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنى پىلانلاش قۇرۇلۇشى ۋە يەر ئىشلىتىش سىياسىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، شەھەر ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنى پىلانلاپ قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسى تەدرىجىي يېنىكلەتتى.
ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدان قۇرۇلۇشىغا ئىجتىمائىي كاپىتاللارنى تېخىمۇ ياخشى جەلپ قىلىش ئۈچۈن، «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئاپتوموبىل توختىتىشنى كەسىپلەشتۈرۈش رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ، يەر ئىشلىتىش خاراكتېرى، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنى كېمەيتمەسلىكنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئاساستا، %20تىن ئاشمىغان قوشۇمچە سودا كۆلىمى سەپلەشكە بولىدۇ؛ ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قۇرۇش رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ، يېڭىدىن سېلىنغان قۇرۇلۇشنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنى ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ قۇرغان ۋە يېڭىدىن سېلىنغان تۈرگە قوشۇپ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قۇرۇپ جەمئىيەتكە ئېچىۋەتكەن ئاممىۋى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرىغا بەلگىلىك سىغىم نىسبىتى بويىچە مۇكاپات بېرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قۇرۇش ئۆلچەم قۇرۇلۇشىدىن ئاشۇرۇپ يەر ئاستى ئاممىۋى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قۇرغانلارنىڭ ئاشۇرۇپ سالغان قىسمىدىن يەر ھەققى ئالمايدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر