باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ساخاۋەت قانۇنى» يولغا قويۇلدى

توردا ئىئانە توپلايدىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى 13 سۇپا "كېنىشكە بىلەن ئىش ئورنىغا چىقىش"نى باشلىدى

2016.09.19 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالدىنقى كۈنى، «ساخاۋەت قانۇنى» رەسمىي يولغا قويۇلدى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تۇنجى تۈركۈمدىكى ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېنتىرنېت تورىدا ئىئانە توپلاش ئۇچۇرلىرى سۇپىسىنى تاللاش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. توردا ئىئانە توپلايدىغان 13 سۇپا «ھۆكۈمەت تەرەپ گۇۋاھلىقى»غا ئېرىشتى، بۇ، توردىكى ساخاۋەتچىلىكنىڭ «كىرىش ئېغىزىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، بىر تۇتاش نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش» دەۋرىگە كىرىدىغانلىقى ھەمدە قېلىپلاشتۇرۇلىدىغانلىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  بۇ قېتىم ساخاۋەت قانۇنىدا توردا ئىئانە توپلاشقا قارىتا ئېنىق بەلگىلىمە بار بولدى. مەسىلەن «ساخاۋەت قانۇنى»نىڭ 23- ماددىسىدا «ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى ئېنتىرنېت تورىدا ئىئانە يىغقاندا، چوقۇم گوۋۇيۈەن خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى بىر تۇتاش باشقۇرىدىغان ياكى بېكىتكەن ئىئانە ئۇچۇرلىرى سۇپىسىدا ئىئانە توپلاش ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىشى لازىم»، دەپ بەلگىلەندى. بۇ، بۇنىڭدىن كېيىن ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى توردا ئىئانە توپلاش ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلغاندا، پەقەت دۆلەت بېكىتكەن ئىئانە توپلاش سۇپىلىرىدىلا ئېلان قىلىشقا بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چاڭ ئەننىڭ: «ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى ئەگەر بېكىتىلمىگەن سۇپىلاردا ئىئانە توپلاش ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلسا، بىز ئۇنداق ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىمىز»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر