- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
نىيۇيورك ئىشتاتىنىڭ باشلىقى مانخاتتاندىكى پارتلىتىش ۋەقەسىنىڭ تېررورلۇق قىلمىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى
2016.09.19 16:19 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا نىيۇيورك ئىشتاتىنىڭ باشلىقى ئاندرېۋ كۇئومو 18-سېنتەبىر مۇنداق دېدى: 17-سېنتەبىر كەچ يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋەقەسى ئېنىقلا تېررورلۇق قىلمىشى، لېكىن ھازىرغىچە بۇنىڭ خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىدەك ئىسپات تېپىلمىدى.
نىيۇيورك ئىشتاتىنىڭ مانخاتتان چېلسىئا رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا كۇئومو مۇنداق دېدى: پارتلىتىش ۋەقەسى بىر بومبىنىڭ پارتلىشى بىلەن يۈز بەرگەن، نەق مەيداندا يىغىلغان ئالاقىدار ئىسپاتلار فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ۋىرگىنىيە ئىشتاتى كۇئانتىكودىكى بىر تەجرىبىخانىسىدا يەنىمۇ تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ.
كۇئومو مۇنداق دېدى: قانۇن ئىجرا تارماقلىرى پارتلىتىش ۋەقەسىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلات «شام ئىسلام دۆلىتى»قاتارلىق خەلقئارالىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىمىدى، لېكىن بۇنداق پارتلىتىش ۋەقەلىرى ئادەتتە تېررورلۇق قىلمىشىغا تەۋە.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر