باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئېلىمىزنىڭ نىيۇيوركتا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى نىيۇيوركتىكى پارتلىتىش ۋەقەسىدە جۇڭگو پۇقراسىنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالى بايقالمىغانلىقىنى ئېيتتى

2016.09.19 15:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ نىيۇيوركتا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ 19- سېنتەبىر ئېلان قىلغان خەۋىرىگە ئاساسەن، 17- سېنتەبىر نىيۇيوركنىڭ مانخاتتاندا يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋەقەسىدە جۇڭگو پۇقراسىنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى، دېدى.

  باش كونسۇلخانا نىيۇيوركتا يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋەقەسىدىن كېيىن يەنە ئەھۋال ئىگىلەپ، ۋەقەنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئەگىشىپ، نىيۇيورك شەھەرلىك ساقچى باش ئىدارىسى ۋە دوختۇرخانىدىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق، نۆۋەتتە جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ۋەقەدە يارىلانغانلىق مەلۇماتىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈردى.

  باش كونسۇلخانا ئامېرىكىدىكى جۇڭگو پۇقرالىرىغا شۇ جايدىكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دېققەت قىلىپ، ساقچى تەرەپنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلىپ، ئامال بار ئادەم زىچ رايونلارغا بارماسلىقنى ئەسكەرتتى.

  قوشۇمچە:

  ئەگەر بىخەتەرلىكىگە تەھدىت بولىدىغان ئەھۋالغا دۇچ كېلىپ قالسا، دەرھال ئامېرىكا تەرەپ ساقچىسىغا مەلۇم قىلسا ياكى ياردەم سوراش تېلېفونى: 911 غا تېلېفون قىلىپ (خەنزۇچە مۇلازىمەت تەلەپ قىلسا) ياردەم سورىسا بولىدۇ.

  ئەگەر كونسۇلخانىنىڭ ياردىمى لازىم بولسا، باش كونسۇلخانىنىڭ 24 سائەتلىك نۆۋەتچىلىك تېلېفونىغا تېلېفون قىلىڭ: 212-6953125

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ 24 سائەت دۇنيا بويىچە ئەلچىخانىلارنى قوغداش ۋە مۇلازىمەت قىلىش جىددىي چاقىرىش تېلېفونى: 0086-10-12308 ياكى 0086-10-59913991.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر