خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋىرى، فوتوسى) 19- سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن، كورلا شەھىرى قارايۇلغۇن يېزىلىق مەركىزىي مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسى بىلەن مائارىپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىرلىكتە ئۇن، ياغ، گۈرۈچ قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئېلىپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن سەمىمىي ھال سوراپ، ئۇلارغا پارتىيەنىڭ غەمخورلىقىنى يەتكۈزدى.
سۈرەتتە: مەكتەپ مەسئۇللىرى پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن ھال سورىماقتا
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى