خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9- ئاينىڭ 19- كۈنى ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدە، شەھەر ئاھالىلىرى يېڭى قوغدىنىش قانۇنىغا قارشى شوئارلارنى تۇتۇپ تۇرماقتا. شۇ كۈنى، ئابېي شىنزو ھۆكۈمېتى پارلامېنتتىكى سان ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ يېڭى قوغدىنىش قانۇنىنى مەجبۇرىي ماقۇللىغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى بولۇپ، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، تەخمىنەن ئىككى ئۈچ تۈمەنچە ياپونىيە خەلقى توكيودا يىغىلىپ نامايىش قىلىپ، يېڭى قوغدىنىش قانۇنىنى بىكار قىلىشنى مۇراجەت قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى