باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ: ئاھالىلەر بەلگىلىمىگە خىلاپ تاماكا چەككەنلەرنى بايقىسا، ئۈندىداردا شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە پاش قىلسا بولىدۇ

2016.09.20 15:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىن ئۇقۇشىچە، شەھەر ئاھالىلىرى بۇنىڭدىن كېيىن ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى «ئىس-تۈتەكسىز بېيجىڭ» ئارقىلىق بەلگىلىمە خىلاپ تاماكا چېكىش قىلمىشىنى پاش قىلسا بولىدىكەن. جامائەت سۇپىسى ئەرزنى تاپشۇرۇۋېلىپ دەرھال بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، «پايتەخت كۆزنىكى»، «بېيجىڭ شەھەرلىك سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى»، « بېيجىڭ تاماكا چېكىشنى كونترول قىلىش جەمئىيىتى» قاتارلىق تور پونكىتلىرى تاماكا چەككەنلىكنى مەلۇم قىلغان مۇناسىپ ئورۇنلاردا دەرھال كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىرىغى ياندۇرۇپ، «تاماكا چېكىشنى كونترول قىلىش، پاش قىلىش ئەھۋالىنىڭ تارقىلىش خەرىتىسى»نى شەكىللەندۈرىدىكەن. پاش قىلىش سانى ئۈچ قېتىمدىن تۆۋەن بولغان ئىدارە ئورۇنلارغا كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىرىغى، ئۈچ قېتىمدىن بەش قېتىمغىچە بولغانلارغا قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىرىغى، بەش قېتىمدىن يۇقىرىلارغا قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىرىغى بېرىپ، نەسىھەتنى ئاڭلىمىغان ياكى جايىدا تۈزەتمىگەن ئىدارە ئورۇنلارنى، شەھەرلىك سەھىيە نازارەتچىلىك ئورۇنلىرى ئارىلىشىپ بىر تەرەپ قىلىدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر