خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20-سېنتەبىر، 5- نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا يەرمەنكىسى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، «ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش-يىپەك يولى: پۇرسەت ۋە كەلگۈسى» باش تېما قىلىنغان بۇ تەنتەنىلىك پائالىيەت دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن 2000دىن ئارتۇق كارخانىنى جەلپ قىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى