خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19- سېنتەبىر، ئىشچىلار تيەنئەنمېن مەيدانىدا «ۋەتەنگە بەخت تىلەيمىز» ناملىق زور تىپتىكى گۈللۈكنى قۇراشتۇرماقتا. شۇ كۈنى، 2016- يىللىق دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تيەنئەنمېن مەيدانىدا «ۋەتەنگە بەخت تىلەيمىز» مەركىزىي گۈللۈكىنى قۇراشتۇرۇش باشلاندى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، گۈللۈكنىڭ ئېگىزلىكى 17 مېتىر، گۈل سېۋىتى گەۋدىسىنىڭ ئېگىزلىكى 15.3 مېتىر دېئامېتىرى 50 مېتىر كېلىدىكەن، ئىچىگە 300دىن كۆپرەك گۈل تىزىلغان بولۇپ، مودەنگۈل، نىلوپەر قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىدىكەن، گۈل سېۋىتىنىڭ چۆرىسىدە «ۋەتەنگە بەخت تىلەيمىز» ۋە «دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەيمىز» دېگەن خەتلەر ۋە 1949دىن 2016گىچە بولغان يىل ناملىرى بار بولۇپ، ۋەتەنگە بولغان گۈزەل تىلەكلەر ئىپادىلىنىدىكەن. گۈللۈكنى قۇراشتۇرۇش ئىشلىرى مۆلچەردە ھەپتە ئاخىرىدا تاماملىنىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى