خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20- سېنتەبىر، كونگو (كېنساشا) پەيتەختى كىنساشادا خىزمەتچى خادىملار مالىمانچىلىقتا قازا قىلغانلارنىڭ جەسىتىنى تەكشۈرمەكتە. كونگو (كىنساشا) پايتەختى كىنساشادا يۈز بەرگەن مالىمانچىلىق 20- سېنتەبىر داۋاملىق ئۇلغىيىپ كەتتى. ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ باش شىتابىغا ئوت قويۇۋېتىلىپ، ئۈچ خىزمەتچى ئۆلدى. نەچچە ئون جۇڭگولۇقلارنىڭ دۇكانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شۇ جايدىكى سودا دۇكانلىرى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىندى، نۆۋەتتە جۇڭگولۇقلارغا تالاپەت يەتمىدى. زوڭتوڭ سايلىمىنى كېچىكتۈرۈش مەسىلىسى سەۋەبلىك، كونگو (كىنساشا)دىكى ئۆكتىچىلەر 19- سېنتەبىر كىنساشادا زور كۆلەملىك نامايىش قىلىپ، ھۆكۈمەتتىن زوڭتوڭلۇق سايلىمىنى ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى، نەچچە مىڭ نامايىشچى ساقچىلار بىلەن بولغان توقۇنۇشقا قاتنىشىپ، ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالى كۆرۈلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى