باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن چارە ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇر بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى

2016.09.20 15:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، گوۋۇيۈەن يېقىندا «ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇر بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «چارە» دېيىلىدۇ)نى تارقىتىپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇر بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ پىرىنسىپ تەلەپلىرى، ئاساسلىق ۋەزىپىسى ۋە نازارەت كاپالىتىنى بېكىتتى.

  «چارە»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇر سىستېمىسىنىڭ ئۆز ئارا ئۇلىنىشى ۋە ئاممىۋى سانلىق مەلۇماتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇر بايلىقىنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش، باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈپ، مەمۇرىي ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇر بايلىقى: ھۆكۈمەت ئىشلىرى تارماقلىرى قانۇن بويىچە يىغقان، قانۇن بويىچە باشقۇرۇش ھوقۇقى بەرگەن ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا پەيدا بولغان ئۇچۇر بايلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن، ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇر بايلىقى شەرتسىز ئورتاق بەھرىلىنىش، شەرتلىك ئورتاق بەھرىلىنىش، ئورتاق بەھرىلەنمەسلىكتىن ئىبارەت ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «ئورتاق بەھرىلەنمەيدىغانلىرىنىڭ چوقۇم قانۇن، مەمۇرىي قانۇن-نىزام ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ سىياسەت ئاساسى بولۇشى كېرەكلىكى» بەلگىلەندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر