باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ نوپۇسنى كۆچۈرۈش سىياسىتىنى تەتقىق قىلدى

يېزا نوپۇسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ

2016.09.20 15:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» يېقىندا ئېلان قىلىنىپ، مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: نوپۇسنىڭ ئادەمگە ئەگىشىپ مېڭىشتەك نوپۇس كۆچۈرۈش سىياسىتىنى تەتقىق قىلىش، يېزا نوپۇسى، شەھەر نوپۇسىغا ئايرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بىر تۇتاش ئاھالىلەر نوپۇسى قىلىپ تىزىملاش، مەركىزىي شەھەر رايونىدىكى نوپۇس زىچلىقىنى داۋاملىق تۆۋەنلىتىپ، 2020-يىلىغا بارغاندا دائىملىق نوپۇسنى 23 مىليون ئەتراپىدا كونترول قىلىپ، جەملىمە نومۇر بويىچە نوپۇسقا ئالدۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، ئۇزاق مۇددەت بېيجىڭدا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشقان ۋە تۇرمۇش كەچۈرىدىغان دائىملىق نوپۇسلارنىڭ نوپۇسقا ئالدۇرۇش ئارزۇسى ۋە تاللىشىغا مۇۋاپىق يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

  دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، «پىكىر»دە «نوپۇس كۆچۈرۈش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش» مەخسۇس بىر باب قىلىپ يېزىلىپ، نوپۇس كۆچۈرۈش سىياسىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش مېخانىزمى ئورنىتىش، جەملىمە نومۇر بويىچە نوپۇسقا ئالدۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇش، ئىختىساسلىقلار نوپۇسقا ئېلىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىقلار ئۆز ئىچىگە ئېلىنغان. مەزكۇر شەھەر نوپۇس كۆچۈرۈش سىياسىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئومۇمىي مىقدار بويىچە كونترول قىلىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، مۇۋاپىق قاتتىق بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، نوپۇسقا ئالدۇرۇش يولى ۋە سىياسىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش مېخانىزمى ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نوپۇسقا ئېلىش ئۆلچىمى ۋە سىياسىتىنى تۈرگە ئايرىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نوپۇسنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ باشقۇرۇشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، «نوپۇسنىڭ ئادەمگە ئەگىشىپ مېڭىش»تەك نوپۇس كۆچۈرۈش سىياسىتىنى تەتقىق قىلىدۇ.

  «پىكىر»دە نوپۇس مۇلازىمىتى ۋە ئۇنى باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: شەھەر-يېزىلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن نوپۇس تىزىملاش تۈزۈمى ئورنىتىش يەنى يېزا نوپۇسى بىلەن شەھەر نوپۇسىغا ئايرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بىر تۇتاش ئاھالىلەر نوپۇسى قىلىپ تىزىملاپ، نوپۇس تۈزۈمىنىڭ نوپۇس تىزىملاشنى باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىنى نامايان قىلىش كېرەك. شەھەر-يېزىلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن نوپۇس تىزىملاش تۈزۈمىگە ماس كېلىدىغان مائارىپ، سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىجتىمائىي كاپالەت، تۇرالغۇ-ئۆي، يەر ۋە نوپۇسنى ئىستاتىستىكا قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر