خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (پوسكام ناھىيەسى كۈيباغ يېزىلىق تەشۋىقات ئىشخانىسىدىن تۇرسۇن راخمان) پوسكام ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، كەسپىي خادىملارنى ھەرقايسى يېزا-بازار، كەنت، مەھەللە ۋە ھەر بىر ئائىلىگىچە ئەۋەتىپ، دېھقان-چارۋىچىلارغا دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسى ياردەم سىياسىتىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنى ھەر خىل تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنا-سايمانلىرىنى سېتىۋېلىپ، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تىزلىتىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلىگەنلىكتىن، 9- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ناھىيە بويىچە 187 ئائىلىلىك دېھقان ئىككى تۈركۈمدە 187 دانە تىراكتور ۋە ھەر خىل چاتما سايمانلارنى سېتىۋېلىپ، 2 مىليون 441 مىڭ يۈەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسى ياردەم پۇلىغا ئېرىشتى.
سۈرەتتە: 20-سىنتەبېر، ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىش تولۇقلىما ياردىمى بېرىش ئىشخانىسىنىڭ خادىمى ئابلىكىم ئەمەت (ئوڭدا) كۈيباغ يېزىسىدا تولۇقلىما بېرىلىدىغان تىراكتورلارغا نومۇر سالماقتا
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى