باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن كۆرۈشتى

2016.09.21 10:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 19-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن نىيۇيوركتا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان زور خەلقئارا ھەم رايون مەسىلىلىرىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى-ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن شۇنداقلا بۇ-خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. جۇڭگو ئامېرىكا بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ ئىككى تەرەپلىك، رايون ۋە يەر شارى قاتلىمىدىكى ھەر قايسى ساھەلەر ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد-سودا، ئىككى ئارمىيە، قانۇن ئىجراسى، ئەدلىيە، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، تور بىخەتەرلىكى، ئادىمىيەت، رايون ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق مۇھىم خەلقئارالىق مەسىلىلەردىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىق مۇساپىسىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلىشنى خالايدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى-ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم ئاساسى ۋە تۈرتكۈچىسى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو-ئامېرىكا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىنى بالدۇرراق تاماملاشقا بىرلىكتە تۈرتكە بولۇپ، بازار ئىجازىتىنى ئۆز ئارا كېڭەيتىپ، بىر-بىرىنىڭ كارخانىلىرىغا تېخىمۇ ياخشى سودا مۇھىتى ۋە ھەمكارلىق كۆزلىمىسى ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئىقتىساد-سودا نىزالىرىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنى بىھۇدە كاشىلىلارغا ئۇچراشتىن ساقلىشى لازىم. مەن ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىشقا بولغان چەكلىمىنى بوشىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  لى كېچياڭ جۇڭگونىڭ تەيۋەن، شىزاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەردىكى پىرىنسىپال مەيدانىنى قايتا تەكىتلىدى، ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  ئوباما مۇنداق دېدى: ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم بولۇشى-ئىككى دۆلەت ۋە دۇنياغا نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم. ئامېرىكا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۈچلۈك، سىجىل راۋاجلاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ خەلقئارا، رايون مەسىلىلىرىدىكى ھەمكارلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇيدۇ. ئوباما ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە ئەمەل قىلىش مەيدانىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

  لى كېچياڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسى ھەققىدە مۇنداق دېدى: جۇڭگو يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش، يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، مەسىلىنى سۆزلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرىدۇ. خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ چاۋشيەن يېقىندا قىلغان بىر قېتىملىق يادرو سىنىقىغا يەنىمۇ ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى قۇۋۋەتلەيدۇ شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ كورىيەگە ساد سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قارشى تۇرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر