باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تېلېگراف، توردىكى يېڭىچە قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش تىزگىنلەشنى تەكشۈرۈش كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

2016.09.21 15:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تېلېگراف، توردىكى يېڭىچە قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش تىزگىنلەشنى تەكشۈرۈش كونترول قىلىش مەركىزى بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدە تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  تەكشۈرۈش، كونترول قىلىش مەركىزى-پۈتۈن مەملىكەتتىكى تېلېگراف، تور ئالدامچىلىقى دېلوسىغا چېتىشلىق ھېسابات نومۇرىنى تەكشۈرۈش، چىقىمنى توختىتىش، توڭلىتىش شۇنداقلا خەۋەرلىشىش قوراللىرىنى تەكشۈرۈپ سۈرۈشتە قىلىش، پېچەتلەپ توختىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تېلېگراف، تور ئالدامچىلىقى دېلوسىغا زەربە بېرىش، ئالدىنى ئېلىشنى تەكشۈرۈش كونترول قىلىش مەبلىغى، خەۋەرلىشىش بىلەن تەمىنلەيدۇ. گۇمانلىق ھېسابات نومۇرلىرىنى توڭلىتىش ۋە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ زىيىنىنى ئازايتقىلى ۋە قايتۇرۇپ كەلگىلى بولىدۇ.

  بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا باش ئەترىتى تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش مۇتەخەسسىسى يى دېجى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىز ئالدى بىلەن مەلۇم قىلىنغان دېلوغا چېتىشلىق ھېسابات نومۇرىدا چىقىم قىلىشنى جىددىي توختىتىمىز، ئاندىن بىز دېلوغا چېتىشلىق ھېسابات نومۇرىنىڭ سودا ئەھۋالىغا ئاساسەن ئىز قوغلاپ تەكشۈرىمىز. بۇ ھېسابات نومۇرلىرىنى ۋاقتىدا كونترول قىلىش تەدبىرىنى قوللىنىمىز، كونترول قىلىنغان بۇ ھېسابات نومۇرىغا پۇل كىرسە، ۋاقتىدا توڭلىتىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر