خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئونسۇ ناھىيەلىك سۈپەت- تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىدىن مۇنىردىن تۇنىياز خەۋىرى، فوتوسى) 9- ئاينىڭ 9- كۈنى، ئونسۇ ناھىيەلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى ناھىيەدىكى 137 نەپەر مۇھىت ئاسراش ئىشچىسىدىن قۇربان ھېيت ۋە تاۋۇز چاغىنىلىق ھال سوراش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.
بۇ قېتىمقى ھال سوراش پائالىيىتىدە ئومۇمىي قىممىتى 20مىڭ يۈەندىن كۆپ ئۇن، ياغ قاتارلىق ھال سوراش بۇيۇملىرى مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرىغا تارقىتىپ بېرىلدى.
سۈرەتتە: 9- سېنتەبىردىكى ھال سوراش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى