باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ 2030-يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى باش تېمىلىق سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2016.09.21 10:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 19-سىنتەبىر چۈشتىن كېيىن نيۇيوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش ئورگىنىدا 2030-يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى باش تېمىلىق سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون، 71-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېڭىشىنىڭ رەئىسى تومسون، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق ئاپپاراتلىرى ۋە مۇھىم خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى.

  لى كېچياڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون، 71-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېڭىشىنىڭ رەئىسى تومسون ۋە 16 خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن بىرگە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش ئورگىنىدىكى بىر مەجلىسخانىدا چۆرىدەپ ئولتۇردى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بىر يىل بۇرۇن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات باشلىقلار يىغىنىدا «2030-يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى» ماقۇللاندى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە جۇڭگونىڭ بۇ قارالمىنى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئالغا سىلجىتىش ئارزۇسى ۋە ئىرادىسىنى نامايەن قىلدى. يېقىندا ئېچىلغان 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىدىمۇ 2030-يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ۋەدە بېرىلدى. ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش دۇنياۋى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى تۈپ تەدبىر. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئاجىز بولۇۋاتقان، قىيىنچلىق ۋە خېيىم-خەتەر ئېغىرلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بۇ قارالمىنى تېزدىن ئالغا سىلجىتىش ئىنتايىن مۇھىم رېئال ۋە ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئالغا سىلجىتىشتا دۇچكېلىدىغان خىرىسلارغا سەل قاراشقا بولمايدۇ، نامراتلىق ۋە ئاچارچىلىقنى تۈگىتىشنى يەنىلا ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ كۈچلۈك، مۇقىم، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، سىغدۇرۇشچان ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشنى تېرەك قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت، مۇھىتتىن ئىبارەت ئۈچ ساھەدە ياخشىي دەۋرلىنىشنى يولغا قويۇپ، ئىقتىساد گۈللەنگەن، جەمئىيەت تەرەققىي قىلغان، مۇھىت گۈزەل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: يەرشارى تەرەققىيات شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا بىرلىكتە تۈرتكە بولۇش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەخلاقىي مەسئۇلىيىتى بولۇپلا قالماستىن، يەرشارىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىيات سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرىدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بىز جەنۇب-شىمال ھەمكارلىقىنىڭ ئاساسىي يوللۇق ئورنىنى قوللىشىمىز، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ياردەم بېرىش ۋەدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە مەدەت بېرىشى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرمۇ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر