18 – سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن 5 – نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 20 – سېنتەبىر باشلىنىدىغان 5 – نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى كۆلەم، ھەجىم، تېما جەھەتتە تارىختا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىدىكەن.
بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە ‹‹ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش، يىپەك يولى: پۇرسەت ۋە كەلگۈسى›› دېگەن مەزمۇنلار باش تېما قىلىندى. كۈنتەرتىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، 20 – سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن 5 – نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ۋە جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا ئىقتىساد، تەرەققىيات، ھەمكارلىق مۇنبىرى، يەنى ئاساسىي مۇنبەر ئۆتكۈزۈلىدۇ. 20 – سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن ۋە 21 – سېنتەبىر كەسپىي خادىملارغا، 22 – سېنتەبىردىن 25 – سېنتەبىرگىچە سىرتقا ئېچىۋېتىلىدۇ.
5 – نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئىجرائىيە ھەيىئىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئۇنىۋېرسال بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نى رۇچى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 5 – نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئالدىنقى نۆۋەتلىك كۆرگەزمىلەرگە قارىغاندا كۆرگەزمە كۆلىمى، ھەجمى، تېما جەھەتتە تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىدۇ. كۆرگەزمە كۆلىمى 140 مىڭ كىۋادرات مېتىر؛ دۆلەت ئىچىدىكى 30 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر ۋە پىلانغا ئايرىم كىرگۈزۈلىدىغان ئالتە شەھەر، بىڭتۈەن ۋە شىنجاڭدىكى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر داڭلىق، ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇپ، مەبلەغ سېلىش، ھەمكارلىشىش تۈرلىرىنى تونۇشتۇرىدۇ؛ ئالتە خەلقئارالىق تەشكىلات، 57 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن ئەزىز مېھماننىڭ كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىغانلىقى جەزىملەشتۈرۈلدى، كۆرگەزمە، يىغىنغا قاتنىشىدىغان دۆلەت ۋە رايونلار ئالدىنقى نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدىكىدىن %19 كۆپەيدى؛ دۆلەت ئىچى، سىرتىدىكى كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىغان كارخانا 2192 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خەلقئارا ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن كارخانىسىدىن 418 ى بار، بۇ ئالدىنقى نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدىكىدىن %214 كۆپ؛ مەخسۇس سېتىۋېلىش سودىگەرلىرى 3500گە يېتىپ، تارىختىكى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىدۇ؛ بېلورۇسىيە ئاساسلىق مېھمان دۆلەت سۈپىتىدە 5 – نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدۇ، ئۇلار ئىگىلىگەن كۆرگەزمە مەيدانىنىڭ كۆلىمى 360 كىۋادرات مېتىرغا يېتىپ، كۆرگەزمە مەيدانى كۆلىمى جەھەتتە ئىلگىرىكى كۆرگەزمىلەردىن بۇيانقى رېكورتنى ياراتتى. كۆرگەزمە تېمىسى مول بولۇپ، خەلقئارا ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن، مەبلەغ سېلىش، ھەمكارلىشىش، توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى، كىيىم – كېچەك، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، يېمەكلىك، ئۈزۈم ھارىقى، ئۈنچە – مەرۋايىت، قاشتېشى بۇيۇملار، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ماشىنا – ئۈسكۈنىلەر، قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى ۋە قۇرۇلۇش ئاپتوموبىللىرى، ئەشيا ئوبوروتى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تۇرمۇش، ئاپتوموبىل تۇرمۇشى، يېزا ئىگىلىك تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرى ھەم 2 – نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا مەتبۇئات كۆرگەزمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بۇ نۆۋەتلىك 59 مىڭ 776 كىۋادرات مېتىرلىق كۆرگەزمە كۆلىمى ئىچىدە ئالاھىدە بېزەلگەن كۆلەم %58نى ئىگىلەپ، تۇنجى قېتىم ئۆلچەملىك كۆرگەزمە ئورنى كۆلىمىدىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەشيا ئوبوروتى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كۆرگەزمە رايونىنىڭ ئالاھىدە بېزىلىش نىسبىتى %95كە يېتىپ، جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنىڭ كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى نامايان قىلدى.
بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە، توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى، كىيىم – كېچەك كۆرگەزمە رايونىنىڭ كۆلىمى 23 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بارلىق توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى، كىيىم – كېچەك كەسىپ زەنجىرى كارخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، يېمەكلىك كۆرگەزمە رايونىنىڭ كۆلىمى 13 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېقىن بولۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك كارخانىدىن تۆتى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك كارخانىدىن 22سى، ۋىلايەت دەرىجىلىك كارخانىدىن 42سى، ناھىيە – شەھەر دەرىجىلىك باشلامچى كارخانىدىن 12سى كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ، ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ كەسىپلىشىش يۈزلىنىشىنى دەسلەپكى قەدەمدە نامايان قىلىدۇ.
بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە يەنە سودا، مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىدىن 44 مەيدان ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.