باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج خ، تەپتىش، سوت مەھكىمىلىرى دېلو بىجىرىشتە مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە شەخسلەردىن ئېلېكترونلۇق سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلىشقا ھوقۇقلۇق

2016.09.21 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، ج خ مىنىستىرلىقى ئالدىنقى كۈنى بىرلىشىپ، «جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرگەندە ئېلېكترونلۇق سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلىش ۋە تەكشۈرۈشكە ئائىت بىر قانچە مەسىلە ھەققىدىكى بەلگىلىمە»نى تارقاتتى. بەلگىلىمە بويىچە، سوت مەھكىمىلىرى، تەپتىش مەھكىمىلىرى ۋە ج خ ئورگانلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە شەخسلەردىن ئېلېكترونلۇق سانلىق مەلۇماتلارنى يىغىش، ئېلىش ھوقۇقى بارلىقى بەلگىلەندى. ئېلېكترونلۇق سانلىق مەلۇماتلار ئۆزگەرتىلىش ياكى يوقاش خەۋپىگە دۇچ كەلگەندە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ج خ ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇلى ياكى تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بۇ ئۇچۇرلارنى توڭلىتىپ ساقلاپ قېلىشنى تەستىقلىسا بولىدۇ.

  بەلگىلىمىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئېلېكترونلۇق سانلىق مەلۇماتلار دېگىنىمىز، دېلو يۈز بەرگەن ۋاقىتتا شەكىللەنگەن، رەقەملىك ھالەتتە ساقلانغان، بىر تەرەپ قىلىنغان، يوللانغان، دېلو ئەمەلىيىتىنى ئىسپاتلىيالايدىغان سانلىق مەلۇماتلارنى كۆرسىتىدۇ. رەقەملىك ھالەتتە خاتىرىلەنگەنلەر، يەنى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرى، زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغۇچىنىڭ بايانى ۋە جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكارلارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلاش سۆزى قاتارلىق ئىسپاتلار ئېلېكترونلۇق سانلىق مەلۇماتقا تەۋە بولمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر