باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «پىكىر» ئېلان قىلدى

ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سېلىشنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2016.09.21 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن يېقىندا «ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سېلىشنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى ئېلان قىلدى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سېلىش، تېخنىكا، مەبلەغ، ئىختىساسلىقلار، باشقۇرۇش قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرى بىلەن ئىگىلىك تىكلەش كارخانىلىرى ئۈنۈملۈك بىرلەشكەن مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلى بولۇپ، ئومۇمىي خەلق ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم كاپىتال كۈچى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئالغا سىلجىتقۇچىسى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىجادىيەتلىك قوزغىتىش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يارىتىش ۋە مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىشنىڭ مۇھىم تەدبىرى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سېلىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئەمەلىي گەۋدىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش، كەسپىي مەشغۇلات، ئىناۋەتنى ئاساس قىلىش، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت قاتارلىق ئاساسىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈزۈلمە-مېخانىزملارنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سېلىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق ياخشى كەيپىيات ۋە «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش + ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سېلىش»تەك ھەمكارلىشىپ ئۆزئارا تۈرتكە بولۇش تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سېلىش كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سېلىشنىڭ چوڭ، كۈچلۈك، ياخشى بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا تەسىر كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىگە ئىگە بىر تۈركۈم جۇڭگو ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سېلىش كۇرۇسلۇق مەھسۇلاتلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سېلىش ساھەسىدە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر