باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىگە تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2016.09.20 15:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  15-نۆۋەتلىك مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىگە:

  جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى مېيىپ تەنھەرىكەتچىلەر 15-نۆۋەتلىك مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، شىجائەت بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەپ، 107 ئالتۇن مېدال، 81 كۈمۈش مېدال، 51 مىس مېدال ئېلىپ، 51 تۈردە دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ، ئۇدا تۆت نۆۋەتلىك مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدال ئېلىش ۋە مۇكاپاتلىنىش بويىچە 1-ئورۇندا تۇرۇپ، كىشىنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ، جۇڭگودىكى مېيىپلارنىڭ توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغانلىقىنى نامايان قىلىپ، ۋەتەن ۋە خەلققە شان - شەرەپ كەلتۈردۈڭلار، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن سىلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ ۋە سىلەردىن سەمىمىي ھال سورايدۇ.

  جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى مېيىپ ئەزىمەتلەر بۇ نۆۋەتلىك مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئولىمپىك روھى ۋە ۋەتىنىمىزنىڭ تەنتەربىيە روھىنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇپ، كۈچلۈكلەردىن قورقماي، باتۇرلۇق بىلەن بىرىنچىلىكنى تالىشىپ، ئۆزۈڭلاردىن ھالقىپ، خەتەرگە جەڭ ئېلان قىلىپ، ئېلىمىزدىكى مېيىپلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلاش، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئۆز كۈچىگە تايىنىش روھىي قىياپىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ، دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوبراز تىكلەپ، خەلقئارا مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشتۇڭلار. سىلەرنىڭ ئالاھىدە ئىپادەڭلار ئېلىمىز ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى مېيىپلارغا ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋە دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىگە زور ئىلھام بولدى، ۋەتەن ۋە خەلق سىلەردىن ئىپتىخارلىنىدۇ ۋە پەخىرلىنىدۇ!

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر