باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2016.09.21 15:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇنجى نۆۋەتلىك يىپەك يولى مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى 20-سېنتەبىر گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ دۇنخۇاڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2000 نەچچە يىل ئىلگىرى، ئاسىيا-ياۋروپانى كېسىپ ئۆتكەن قەدىمكى يىپەك يولى شەرق بىلەن غەربنىڭ دوستلۇق ئالاقىسى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدىكى مۇھىم كۆۋرۈك بولغان. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىشنى ئورتاق كۆزلەش باش تېما قىلىنىپ، يىپەك يولى بويىدىكى ئەللەرنىڭ ھەمكارلىقى، ئالاقىسىنى مۇھىم سۇپا بىلەن تەمىنلىدى. كۆپ خىللىق ئاساسىدا بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ تەڭ ئىلگىرىلەش، ھەمكارلىشىپ تەڭ بەھرىمەن بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت باراۋەرلىكىنى تەشەببۇس قىلىپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداپ، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىيەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىنسانىيەت ياراتقان مول مەزمۇنلۇق، خىلمۇ خىل، رەڭگارەڭ مەدەنىيەتلەر ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئاممىغا بەخت يارىتىپ، دۇنيانى تېخىمۇ گۈزەل قىلىشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر