خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (قاراقاش ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن غۇجى ئابدۇللا مەمىتىمىن خەۋىرى، ئابلەت مۇھەممەت فوتوسى) 9- ئاينىڭ 18- كۈنى، قاراقاش ناھىيەسى سايباغ يېزىسىنىڭ كۆكتېرەك كەنت كومىتېتىنىڭ ھويلىسىدا «ئىككى بايرامغا تەنتەنە قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مېلودىيەسىنى ياڭرىتايلى» تېمىسىدا ئىتتىپاقلىق تامىقى يېيىش-كوللېكتىپ بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەتنى تەشكىللىگەن كۆكتېرەك كەنتىدىكى دېھقان كارخانىچى، شىنجاڭ ئىنتىل تىل ۋە تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن نازارەتچىسى، شىنجاڭ ئىنتىل تىل ۋە تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپى گۇما ناھىيەلىك تارماق مەكتىپىنىڭ نازارەتچىسى تۇرسۇنتوختى باكىر 50 مىڭ يۈەن چىقىرىپ ئىككى تۇياق قوي سويۇپ، مول داستىخان سېلىپ، سايباغ يېزىسىنىڭ يول قۇرۇلۇشىدا ئىشلەۋاتقان، ئىچكىرىدىن كەلگەن 50 خەنزۇ ئىشچىنى 200دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە كاتتا مېھمان قىلدى. خەنزۇ ئەر ئىشچىلارغا دوپپا تەقدىم قىلىپ، خەنزۇ ئايال ئىشچىلارغا ئەتلەس سوۋغا قىلىپ، ئىتتىپاقلىق مارشىنى ياڭراتتى. پائالىيەتتە ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلىپ، ئىككى بايرامغا تەنتەنە قىلىندى. پائالىيەت ئارىلىقىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىلىملىرىدىن مۇكاپاتلىق سوئال-جاۋاب پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ. توغرا جاۋاب بەرگەنلەر مۇكاپاتلاندى. خەنزۇ ئىشچىلار بىلەن ئۇيغۇر دېھقانلار بىرلىكتە ئورۇندۇق تالىشىش قاتارلىق مۇسابىقە پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، ئىتتىپاقلىق رىشتىنى چىڭىتتى. بۇ خىل ئىتتىپاقلىق پائالىيىتىدىن خەنزۇ ئىشچىلارمۇ، ئۇيغۇر كەنت ئاھالىلىرىمۇ مىننەتدار بولدى.
سۈرەتتە: ئىتتىپاقلىق پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى