باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تۇرپان شەھىرى ئۈزۈم ئىگىلىكىنى جانلاندۇرماقتا

2016.09.20 14:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باشكۈزدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تۇرپان شەھىرى گويا «دۇنيا ئۈزۈم مۇزىيى»غا ئايلىنىپ، ھەرخىل ئۈزۈملەر پىشىپ مەي باغلىدى.

  تۇرپان ۋىلايىتى ئىدىقۇت رايونىنىڭ سىڭگىم يېزىسىدا، 40 مىڭ مو ئۈزۈملۈك مول ھوسۇل بەردى، ئەتراپنى ئۈزۈمنىڭ خۇشپۇراقلىرى قاپلىدى، مۇرتۇق كەنتىدىكى دېھقان خاتىمىخان نىياز قىزى بىلەن ئۈزۈم ئۈزىۋاتقان بولۇپ، چېھرىدىن مول ھوسۇل خۇشاللىقى جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. ئۇ ئائىلە بويىچە يەتتە مو يەرنى كۆتىرىگە ئالغان بولۇپ، بۇل يىل مو بېشى مەھسۇلاتى ئىككى توننىدىن ئاشىدۇ، ھەر موسىدىن قىلىدىغان كىرىمىمۇ بۇلتۇرقىدىن ئىككى مىڭ يۈەن ئاشىدۇ. ئىدىقۇت رايونلۇق باغۋەنچىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئايشەم خالىق مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئىدىقۇت رايونىدا 260 مىڭ مو يەردە ئۈزۈم ئۆستۈرۈلدى، بۇ تۇرپان شەھىرىنىڭ تەخمىنەن يېرىمىنى، ئىدىقۇت رايونى بويىچە تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ %60ىدىن كۆپرەكنى ئىگىلەيدۇ، بۇ ئۈزۈملەرنىڭ %90ى كىشمىش ئۈزۈم. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن باشلاپ مودا بولغان «تۇرپان ئۈزۈمى پىشتى، ئانارخان شاتلاندى» دېگەن ناخشا كىشىلەرنىڭ شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ بوستانلىققا بولغان تەلپۇنىشىنى قوزغىغان ئىدى. تۇرپاننىڭ ئوتتۇرىچە تېمپراتۇرىسى يۇقىرى، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزاق، كېچە-كۈندۈزنىڭ تېمپراتۇرا پەرقى چوڭ، ئۈزۈم ئۆستۈرۈشكە ناھايىتى بەك ماس كېلىدۇ، بۇ يەردە ئۆستۈرۈلگەن كىشمىش ئۈزۈملەرنىڭ قەنت تەركىبى %24كە يېتىدۇ. بۇيلۇق مەنزىرە رايونىنىڭ بىرگە مەنزىرىگاھلىق، يەنە بىرگە ساياھەتچىلەرنى ئىستېمال بىلەن تەمىنلەيدىغان «قوش ۋەزىپىسى» بار. تۇرپاندا، يەرلىك كىشىلەر ئۈزۈمنى بىر مېۋە دەپلا قارىماستىن، ئۇنى يەنە بىر خىل ۋاسىتە، بىر خىل مەدەنىيەت دەپ قارايدۇ. تۇرپان شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ ۋېنچۈەن مۇنداق دەيدۇ: تۇرپاندا ھەردەرىجىلىك كادىرلار ئۈزۈمنى پىششىق بىلىشى، ئۈزۈمنىڭ تۇرپانغان نېمە ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىشى كېرەك. ئۈزۈمنى قايتىدىن تونۇغان تۇرپانلىقلار ئۈزۈم ئامىلىغا ئىگە بىر قاتار ئاساسىي تېمىلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، «جۇڭگو ئۈزۈم شەھىرى» دېگەن نامنى ئالدى، «تۇرپان ئۈزۈمى ناخشا ئوقۇيالايدۇ» دېگەن نامدىكى شىنجاڭ ئىجادىي مۇزىكا بايرىمى شۇ جاينىڭ مەدەنىيەت كەسپىنى جانلاندۇردى، «ئۈزۈم كېچىلىكى» نامىدىكى ئىستراھەت پائالىيىتى كېچىلىك ئىقتىسادنى جانلاندۇردى، ئۈزۈم ئۆرپ-ئادەتلىرى بازارچىسى قۇرۇلۇشى ساياھەت قىلىش، ئۈزۈم ئۈزۈشتىن ئىستراھەت، دەم ئېلىشقا قاراپ بۇرۇلۇش ياساشقا تۈرتكە بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر