باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنىڭ خۇلاسىلەش-تەقدىرلەش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى

2016.09.21 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنىڭ خۇلاسىلەش-تەقدىرلەش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، تەييارلىق كومىتېتى ۋە ئالاقىدار تارماقلار، جايلارنىڭ ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللىگەنلىكىنىىڭ نەتىجىسى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە تۆھپە قوشقانلارنى تەقدىرلەش كېرەك. دىپلوماتىيە، مالىيە، ئامانلىقنى قوغداش، تەشۋىقات، قاتناش، سۈپەت تەكشۈرۈش، ساقلىقنى ساقلاش، مېتېئورولوگىيە، ئارقا سەپ تەمىناتى قاتارلىق تارماقلار خۇلاسىلەش-تەقدىرلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. جېجياڭ ئۆلكىسى ۋە خاڭجۇ شەھىرىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەر قىلغانلىقى، شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئومۇمىيلىققا ئېتىبار بېرىپ، ئومۇمىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، چىن ھېسسىياتى بىلەن ئۆزىنى بېغىشلاپ، خالىس مۇلازىمەت قىلىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزىلىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقانلىقىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ، تەقدىرلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. بىز ئىلغار كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەپلا قالماي، يەنە كادىرلار ۋە ئامما ئىپادىلىگەن خوجايىنلىق ئېڭى، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى، خالىس تۆھپە قوشۇش روھىنى پۈتكۈل جەمئىيەتتە كۈچەپ جارى قىلدۇرۇپ، ئۇنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنىغا ئايلاندۇرۇپ، «ئىككى 100 يىل» لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر