باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«خۇ جىنتاۋ ئەسەرلىرىدىن تاللانما» مەملىكەت بويىچە نەشر قىلىپ تارقىتىلدى

2016.09.20 15:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ھۆججەت-ماتېرىيال تەھرىرلەش كومىتېتى تەھرىرلىگەن «خۇ جىنتاۋ ئەسەرلىرىدىن تاللانما» نىڭ 1-، 2-، 3-تومى خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، 20-سېنتەبىردىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە تارقىتىلدى.

  يولداش خۇ جىنتاۋ پارتىيە 16-، 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى بولغان، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ ئاساسلىق ئىجادچىسى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدا: «ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنىڭ ئەڭ يېڭى مۇۋەپپەقىيىتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كوللېكتىپ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال، ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىگە ئوخشاش پارتىيە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيە» دەپ تەكىتلەنگەن. 2013-يىلى 7-ئايدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «خۇ جىنتاۋ ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نى تەھرىرلەش توغرىسىدا مۇھىم قارار چىقاردى. «خۇ جىنتاۋ ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى زور ئىش بولۇپ، مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر