باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەلرايى تەكشۈرۈشىدىن بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسىنىڭ رۇسىيە دۆلەت دۇماسى سايلىمىدا غەلىبە قىلغانلىقى ئايان بولدى

2016.09.20 14:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيەنىڭ 7- نۆۋەتلىك دۆلەت دۇماسى پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسى سايلىمى موسكۋا ۋاقتى تۈنۈگۈن سائەت 21دە غەلىبىلىك ئاياغلاشتى. ئەلرايى تەكشۈرۈشىدىن ئايان بولۇشىچە، بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسى دۆلەت دۇماسىدىكى بىرىنچى پارتىيەلىك ئورنىنى ساقلاپ قالغان، لېكىن ئېرىشكەن بېلىتى يېرىمدىن ئاشمىغان. دۆلەت دۇماسى رۇسىيەنىڭ دائىملىق قانۇن تەسىس قىلىش ئاپپاراتى بولۇپ، 450 ۋەكىلدىن تەركىب تاپقان، ئاساسلىقى دۆلەتنىڭ قانۇنلىرىنى تۈزۈش ۋە بېكىتىش، زۇڭتۇڭنىڭ ھۆكۈمەت زۇڭلىسىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە زۇڭتۇڭغا ئىشىنىش مەسىلىسى قاتارلىقلارنى قاراپ چىقىدۇ. بۇ قېتىمقى سايلامدا ئارىلاشما سايلام تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولۇپ، پارلامېنتتىكى 450 ئورۇننىڭ يېرىمى پارتىيەلەرنىڭ نىسبەتلىك ۋەكىللەر تۈزۈمى ئارقىلىق سايلانغان؛ قالغان يېرىم ئورۇن يەككە سايلام رايونىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن، مەملىكەت بويىچە 225 سايلام رايونى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھەر بىر سايلام رايونىدا بىر پارلامېنت ئەزاسى سايلاپ چېقىلدى. ھەر قايسى پارتىيەلەر دۆلەت دۇماسىنىڭ ئېرىشكەن بېلىتى بويىچە ئەسلىدىكى يەتتە پىرسەنتتىن بەش پىرسەنتكە ئازايتىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر