باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە ئامېرىكا ئارمىيەسى سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ تايانچ پونكىتىنى بومباردىمان قىلدى دەپ ئەيىبلىدى

2016.09.20 14:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئارمىيەسى سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ تايانچ پونكىتىنى بومباردىمان قىلىپ رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ بۇندىن بۇرۇن ھاسىل قىلغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى بۇزدى، ئامېرىكا قانات ئاستىغا ئېلىۋاتقان سۇرىيەدىكى ئۆكتىچىلەرگە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى شەرتسىز ئىجرا قىلدۇرۇشى كېرەك. رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سۇرىيەدىكى ئۆكتىچىلەر ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە كەينى كەينىدىن بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان ئەھۋالدا، ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىش خەلقئارا ئىتتىپاقى سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ تايانچ پونكىتىنى بومباردىمان قىلىپ كىشىنى ئەندىشىگە سالدى، بۇ رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا بۇندىن بۇرۇن سۇرىيە مەسىلىسى ھەققىدە ھاسىل قىلغان كېلىشىمنى بۇزىدۇ. سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى 17- سېنتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىش خەلقئارا ئىتتىپاقى سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى سۇرىيەنىڭ شەرقىدىكى دەرزور ئايرودۇرۇمىغا يېقىن يەردىكى زېلدا تېغىغا تەسىس قىلغان لاگېرىغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلىپ، ئۆلۈم يېتىم ۋە قورال-ياراغلارنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر