باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ممۇتەخەسسىسلەر: 20 دۆلەت گۇرۇھى دۇنيا ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى

2016.09.20 14:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا خاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش يۆلىنىشى، نىشانى، تەدبىرلىرى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشقا ئۇزاق مۇددەتلىك، ئۇنىۋېرسال تەدبىر يۈرگۈزۈش، ئېچىۋېتىشى يېڭىلىق يارىتىش، سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتنىڭ خاڭجۇ ئورتاق تونۇشى ھاسىل قىلىندى.

  خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنى يېپىلغاندىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەندە: 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يۆلىنىشىنى كۆرسىتىپ، پىلانلىرىنى تۈزۈپ بېرىش ئىشەنچىسى بار دېدى.

  جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى چۇڭياڭ پۇل مۇئامىلە تەتقىقاتخانىسىنىڭ ئىجرائىيە باشلىقى ۋاڭ ۋېن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىغا قارايدىغان بولساق، مېنىڭچە بىرىنچىدىن جۇڭگونىڭ يەرشارىنى تەرتىپكە سېلىشتىكى رولىنىڭ دەرىجىسى ۋە ئورنى ئۆستى، جۇڭگو يەرشارىنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان تۈرتكىلىك كۈچكە ئايلاندى، ئىككىنچىدىن جۇڭگو دۇنيانىڭ گۈللەپ روناق تېپىشىنىڭ ماتورىغا ئايلاندى، ئۈچىنچىدىن جۇڭگو خەلقئارا ھەمكارلىقنىڭ لاھىيىلىگۈچىسىگە ئايلاندى.

  جۇڭگو خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى رۇەن زوڭزېنىڭ قارىشىچە: باشلىقلار يىغىنى جۇڭگو لايىھەسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك خەلقئارالاشتۇرغان.

  رۇەن زوڭزې مۇنداق دېدى: بىز جۇڭگو جۇڭگو ساداسى چىقىرىشىمىز، جۇڭگو لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز كېرەك، لېكىن جۇڭگو لاھىيەسى خەلقئارالاشتۇرۇلۇشى كېرەك، جۇڭگو لايىھەسىنى خەلقئارالاشتۇرۇپ، ئۇنى خەلقئارا قائىدىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرغاندىلا جۇڭگو بۇندىن كېيىن ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ، دۇنيانى تېخىمۇ قولايلىق ئاممىۋى مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر