باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون بىلەن كۆرۈشتى

2016.09.21 15:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاينىڭ ۋاقتى 19-سىنتەبىر كەچتە نيۇيوركتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون بىلەن كۆرۈشتى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو باشتىن ئاخىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىشلىرىنىڭ پائال قوللىغۇچىسى ۋە قاتناشچىسى شۇنداقلا «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيەسى»باش مىزانى ۋە پىرىنسىپىنى قەتئىي قوغدىغۇچى. جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى داۋاملىق قوللاپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل 2030-يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان شۇنداقلا كېلىمات ئۆزگىرىشى «پارىژ كېلىشىمى»باشلانغان يىل، جۇڭگو ئەڭ چوڭ تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرنىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ئۆتەشكە تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۆتەپ، يەر شارىنى تەرتىپكە سېلىشنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش، تەڭ نەپ ئېلىش، تەڭ بەھىرلىنىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا تىنچلىقتىكى مەجبۇرىيىتىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىپ، تەرەققىيات مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئالدىنقى ۋەزىپە قىلىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەرقايسى ئەل خەلقىنى نەپلەندۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  بانكىمون لى كېچياڭنىڭ 71-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېڭىشى يۈرۈشلۈك يۇقۇرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتناشقانلىقىنى قارشى ئالدى، ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو خەلقئارا ئىشلاردا مۇھىم رول ئوينىماقتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جۇڭگونىڭ كېلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، ئىمكانيەتلىك سىجىل تەرەققىيادقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق مۇھىم قارالمىلارغا پائال قاتناشقانلىقى ھەمدە تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقئارا تىنچلىق قوغداش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش قاتارلىقلار ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقانلىقىغا ئاپىرىن ئەيتىدۇ، جۇڭگو بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، ئىنسانىيەت دۇچ كېلىۋاتقان ئورتاق خىرىسقا تىرىشىپ تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىيادىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر