باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېمەك- ئىچمەك مۇلازىمىتىدىكى كۆكنار غوزىسى قاتارلىقلارنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا قوشۇشتەك قىلمىشلار قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ

2016.09.21 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەتلىك يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى 20- سېنتەبىر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، كۆكنار غوزىكى، سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان يار يېلىم قاتارلىق يېمەكلىك ھېسابلانمايدىغان ماددىلارنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا قوشۇشنى يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى باسقۇچلىرىنى كۈندىلىك نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتىكى مۇھىم مەزمۇن قىلىپ، ساماۋەر شورپىخانىسى، كاۋاپخانا، ئۇششاق يېمەكلىك دۇكىنى قاتارلىق نۇقتىلىق ئورۇنلار، ھەمدە نازۇ-نېمەت كوچىسى ۋە مەكتەپ ئەتراپى قاتارلىق يېمەك-ئىچمەك ئىستېمالى توپلاشقان رايونلارغا قارىتا تۇيۇقسىز تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ج خ قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، كۆكنار غوزىكىنى يېمەكلىك تېتىتقۇسى قىلىپ ئىشلىتىشتەك بىر تۈركۈم قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى ئارقا-ئارقىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. بىراق، يەرلىكتىكى يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى كۈندىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتى جەريانىدا يەنىلا قىسمەن يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنىڭ ساماۋەر شورپىسى خۇرۇچلىرى ۋە تېتىتقۇلارنى ئۆزى ياسىغان چاغدا، كۆكنار غوزىكى قاتارلىق يېمەكلىك ھېسابلانمايدىغان ماددىلارنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا قوشۇش قىلمىشلىرىنىڭ مەۋجۇد ئىكەنلىكىنى بايقىدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: ساماۋەر شورپىسىنىڭ خۇرۇچلىرى ۋە تېتىتقۇلىرى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشىدىكى نۇقتىلىق يېمەكلىك قىلىنىپ، كۆكنار سوداسى ۋە مورفېن قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەرگە قارىتا تەكشۈرۈپ ئۆلچەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش لازىم. مەسىلىنى تۇتقا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ پاش قىلىشىنى، جامائەت پىكرى تاراتقۇلىرى دىققەت قىلىدىغان يېمەكلىك ۋە يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنى نۇقتىلىك تاللاپ تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلىپ، تەكشۈرۈش ئۇچۇرلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا جەمئىيەتكە ئاشكارىلاش لازىم.

  ئۇقتۇرۇشتا يەنە ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ھەممە بىرلىكتە تۈزەيدىغان كەيپىيات يارىتىش لازىملىقى ئېيتىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر