باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ليۇ چىباۋ 12-نۆۋەتلىك جۇڭگو پۇقرالار ئەخلاق مۇنبىرىگە قاتناشتى

2016.09.21 15:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى يېتەكچىلىك كومىتېتى ئىشخانىسى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا 12-نۆۋەتلىك جۇڭگو پۇقرالار ئەخلاق مۇنبىرى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيورۇسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ليۇ چىباۋ مۇنبەرگە قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۈرۈشلۈك مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىلغار تىپلارنى كەڭ دائىرىدە بايقاپ ۋە تۇرغۇزۇپ، ئىلغار كوللېكتىپلار كۆپلەپ بارلىققا كېلىدىغان ئەندىزە شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگو روھى، جۇڭگو قىممىتى، جۇڭگو قۇدرىتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش لازىم.

  ليۇ چىباۋ مۇنداق دېدى: ئىلغار تىپلاردىن زور كۈچ بىلەن ئۆگىنىپ ۋە تەشۋىق قىلىپ، ئىلغار تىپلارنىڭ ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش - سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئاساسىي قاتلامدا ئىلغار تىپلارنى كەڭ دائىرىدە بايقاپ، يېتىلدۈرۈپ ۋە تەقدىرلەپ، كىشىلەرگە تىپلارنىڭ ئۆز يېنىدا، ئۈلگىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا بارلىقىنى تولۇق ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر