باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋاقىتلىق پارلامېنتقا پارىژ كېلىشىمىنىڭ تەستىق لايىھەسىنى سۇندى

2016.09.21 15:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيە ھۆكۈمىتى يېقىندا دەسلەپكى قەدەمدە قارار چىقىرىپ، 26- سېنتەبىر ئىچىلىدىغان ۋاقىتلىق پارلامېنت يىغىنىغا يەر شارى كىلىماتىنىڭ ئىسسىشىغا تاقابىل تۇرىدىغان يېڭى رامكا بولغان پېرىژ كېلىشىمىنىڭ تەستىق لايىھەسىنى سۇنماقچى بولدى. خەۋەردە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارىژ كېلىشىمىنى پارنىك گازىنى قويۇپ بېرىدىغان ئىككى چوڭ دۆلەت بولغان ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو تەستىقلىدى. ئەگەر دۇنيادىكى پارنىك گازىنى قويۇپ بېرىش جەھەتتە ئالتىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ياپونىيە تەستىقلىسا، ئۇنداقتا بۇ كېلىشىمنىڭ بۇ يىلنىڭ ئىچىدە كۈچكە ئىگە بولۇشىدىن ئۈمىد بار. ياپونىيە ھۆكۈمىتى پارلامېنتنىڭ ھەرىكەت كومىتېتى كېڭىشىگە تەستىق لايىھەسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان فاڭجېنلارنى چۈشەندۈرىدۇ، مۆلچەرلىنىشچە ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتتالىرىنىڭ ھەرىكەت كومىتېتلىرى تەستىقلىغان ۋە كابىنېت بېكىتكەندىن كېيىن سۇنىلىدىكەن. بىراق قاراپ چىقىش كۈن تەرتىپىنى ماسلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدىكەن، شۇڭا ۋاقىتلىق پارلامېنتنىڭ بۇ مەزگىلدە بۇنى تەستىقلاش تەستىقلىماسلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر