باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ دۇنياغا قاراپ داغدام يۈرۈش قىلماقتا

2016.09.21 15:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  5-نۆۋەتلىك جۇڭگو- ئاسىيا، ياۋروپا كۆرگەزمىسى 20-سېنتەبىردىن 25-سېنتەبىرگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، «ئورتاق كېڭىشىش، بىرلىكتە قۇرۇش، تەڭ بەھرىلىنىش، يىپەك يولىدىكى پۇرسەت ۋە كەلگۈسى»-كۆرگەزمىنىڭ باش تېمىسى بولدى، كۆرگەزمىدە، مىنىستىر دەرىجىلىكلەر مۇنبىرى ۋە مەخسۇس پائالىيەتتىن 15 ى ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ 14 كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، چوڭ مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى ۋە تاۋار سودا كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ. سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى، خېرىدارلار ئۇچرىشىش يىغىنى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، جۇڭگو ۋە چەتئەللەرنىڭ ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىغا ئۈنۈملۈك ئالماشتۇرۇش سۇپىسى ھازىرلاپ بېرىلىدۇ.

  مەلۇماتقا قارىغاندا، ئالدىنقى تۆت نۆۋەتلىك ئاسىيا، ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە ئىمزالانغان ھەمكارلىقنىڭ سوممىسى 900 مىليارد يۈەنگە يەتكەن، ئەمەلىيلەشكەن تۈرلەر بويىچە ھېسابلىغاندا، نەق جايىغا بارغان مەبلەغ 640 مىليارد يۈەن بولغان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2011-يىلىدىن بۇرۇنلا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىققا ياخشى ئاساس سېلىپ بولغان. 2011-يىلى ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، ئاسىيا، ياۋروپا كۆرگەزمىسى بولغاندىن كېيىن، ئالماشتۇرۇش، كۆۋرۈكلۈك رولى تېخىمۇ گەۋدىلەندى. ئاسىيا، ياۋروپا كۆرگەزمىسى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ نەزىرىنى شىنجاڭغا جەلپ قىلىپ، سىرتنىڭ شىنجاڭنى چۈشىنىشكە بولغان ئارزۇسىنى بارغانسېرى كۈچەيتتى؛ شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قاتارلىق ئىشلىرى كۆرگەزمىدىن ئىبارەت بۇ سەھنە ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ ئىجابىي كۈچنى مۇجەسسەملىدى. 30 نەچچە دۆلەتنىڭ ئەمەلدارلىرى، 700 دىن ئارتۇق مىنىستىر دەرىجىلىك چەتئەللىك ئەزىز مېھمان ۋە ئون مىڭدىن ئارتۇق مال سېتىۋالغۇچى، كۆرگەزمىگە قاتناشقۇچى، سودىگەر تۆت نۆۋەتلىك كۆرگەزمە ئارقىلىق شىنجاڭغا يىغىلىپ، ئالماشتۇرۇش قىلدى؛ شىنجاڭ بىلەن 190 نەچچە دۆلەت ۋە رايون ئىقتىساد-سودا ئالاقىسى ئورنىتىپ، شىنجاڭغا كەلمىگەن نۇرغۇن سودىگەرلەرنى كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت مۇنداق دېدى: 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئاسىيا، ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئىچكى بىرلەشمە تۈر ئىمزالاش مۇراسىمىدا، شىنجاڭ ئىچكى بىرلەشمە نۇقتىلىق تۈر توختىمىدىن 203 نى ئىمزالىدى. ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر تېز ئېشىپ، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى يېتىشتۈرۈپ ۋە ئورنىتىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، شىنجاڭنىڭ يېشىل تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىجابىي رول ئوينىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر